قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش
ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش
«ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش»ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن چۇشەندۇرۇپلا قالماي؛بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مۆمىن قەلبىدە ئۇرغۇتقۇسى.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەر-خىل شەيتانى خىياللارغا قانائەتلىنەرلىك ئەقلى دەلىل ۋە قۇرئان كەرىم ، ساغلام ھەدىسلەرنىڭ روھى بىلەن ئىلمى ئاساستا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.يازما : ئەلى تەنتاۋى - ئەلى تەنتاۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/70722
كىتابلار
- ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟«ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/376481
- مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا«مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ئىماملارنىڭ بىرىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت بىر سۆزى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسنى تەرك قىلىش خۇسۇسىدا جەزمەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر سەۋەبنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالارغا تىل ئۇزۇتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ.
يازما : شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/71082
- ئىماننىڭ ئاساسلىرىئىماننىڭ ئاساسلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ مەشھۇر ئالىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ بولۇپ، ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي ن. تەمكىنى ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئىسلام دۇنياسىدا، ئەقىدە توغرىسىدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى كىتابچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتابتا، ئاللاھغا توغرا رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ساماۋى كىتابلار، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر... قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ھەدىس ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
يازما : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/178711
- مۆمىننىڭ ئەقىدىسى«مۆمىننىڭ ئەقىدىسى» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەرنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىدە كىتابلىرىدىن سانىلىدۇ.
يازما : پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇ بەكرى جابىر جەزائىرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/330510
- ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73275












