ئۇيغۇرچە - سۈرە پىل - قۇرئان كەرىم
اختر القاريء


ئۇيغۇرچە

سۈرە پىل - عدد الآيات 5
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ ( 1 ) پىل - الآية 1
پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ ( 2 ) پىل - الآية 2
ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟
وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ ( 3 ) پىل - الآية 3
ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ - توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى
تَرْمِيهِم بِحِجَارَةٍ مِّن سِجِّيلٍ ( 4 ) پىل - الآية 4
قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ،
فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَّأْكُولٍ ( 5 ) پىل - الآية 5
ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى

كىتابلار

  • تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار«تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ كىتاپ تەپسىر جەۋاھىردىن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ تاللانما تەرجىمىسى بولۇپ ،بۇ تەپسىر ھەر-خىل ھازارەت ۋە مەدەنىيەت كۆز قاراشلىرىدىكى جەمىيەتشۇناس ، پىسخىلوگىيە ، بىئولوگىيە ،تەبىئى پەن قاتارلىق بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى بىلەن تونۇشۇپ چېقىشىغا ئاساس سالغۇسى.

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئالىم ئابدۇرەھمان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/74955

    التحميل :تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار

  • ھەدىسلەر توپلىمىھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    يازما : مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى - سابىرجان

    تەرجىمە قىلغۈچى : مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم

    Source : http://www.islamhouse.com/p/381076

    التحميل :ھەدىسلەر توپلىمىھەدىسلەر توپلىمى

  • بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن)«بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    يازما : دوكتۇر ئىبراھىم سارىچام - سەۋگى قارا بۇلۇت - سۇئاۋى كامال يازگىچ - سوكى قارا بۇلۇت

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.مەجىد

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/53191

    التحميل :بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن)

  • مۆمىننىڭ ئەقىدىسى«مۆمىننىڭ ئەقىدىسى» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەرنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىدە كىتابلىرىدىن سانىلىدۇ.

    يازما : پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇ بەكرى جابىر جەزائىرى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com

    Source : http://www.islamhouse.com/p/330510

    التحميل :مۆمىننىڭ ئەقىدىسى

  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : مۇھەممەد نۇرئبنى ئابدۇلھەپىز سۇۋەيد

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھمان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/53001

    التحميل :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى