قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى
مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى
«مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى» ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرىدىن يىراقلاشقانلىق سەۋەبى خەلىقئارادىكى ئورنىنىڭ توۋەنلىگەنلىكى، ئەگەر ئۇلار، ئەقىدىسىدە چىن بولغان كۈنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە نائىل بولىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىلىچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى پاتپاراقچىلىقلارنى ئىسلام دىنىلام نەتىجىلىك ھەل قىلالايدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىستىن، تارىخ ۋە داڭلىق ئالىملارنىڭ سوزلىرىدىن دەلىل كەلتۇرۇپ ئىلمى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.يازما : ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52939
كىتابلار
- ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73275
- ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : دوكتۇر ئابدۇراھمان رەئپەت پاشا
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52882
- ھەدىسلەر توپلىمىھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يازما : مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى - سابىرجان
تەرجىمە قىلغۈچى : مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم
Source : http://www.islamhouse.com/p/381076
- ياخشىلارنىڭ باغچىسىياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
يازما : ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/48545
- مۆمىننىڭ ئەقىدىسى«مۆمىننىڭ ئەقىدىسى» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلى ۋە شەرئى دەلىللەرنى بىرلىكتە كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئەقىدە كىتابلىرىدىن سانىلىدۇ.
يازما : پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇ بەكرى جابىر جەزائىرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/330510