ئۇيغۇرچە - سۈرە مۇناپىقۇن

قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە مۇناپىقۇن

ئۇيغۇرچە

سۈرە مۇناپىقۇن - عدد الآيات 11
إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ ( 1 ) مۇناپىقۇن - الآية 1
مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَن سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ ( 2 ) مۇناپىقۇن - الآية 2
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن (يەنى اﷲ نىڭ دىنىدىن) توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ ( 3 ) مۇناپىقۇن - الآية 3
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ئېغىزلىرىدا) ئىشىنىپ، ئاندىن (دىللىرىدا) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى (يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ)، ئۇلار (ئىماننى) چۈشەنمەيدۇ
وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِن يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُّسَنَّدَةٌ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ ( 4 ) مۇناپىقۇن - الآية 4
ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُم مُّسْتَكْبِرُونَ ( 5 ) مۇناپىقۇن - الآية 5
ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن
سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَسْتَغْفَرْتَ لَهُمْ أَمْ لَمْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ لَن يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ ( 6 ) مۇناپىقۇن - الآية 6
ئۇلارغا (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش، اﷲ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، شۈبھىسىزكى پاسىق قەۋمنى اﷲ ھىدايەت قىلمايدۇ
هُمُ الَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنفِقُوا عَلَىٰ مَنْ عِندَ رَسُولِ اللَّهِ حَتَّىٰ يَنفَضُّوا ۗ وَلِلَّهِ خَزَائِنُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَفْقَهُونَ ( 7 ) مۇناپىقۇن - الآية 7
ئۇلار: «رەسۇلۇللاھ نىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنى تەمىنلىمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋە لېكىن مۇناپىقلار (اﷲ نىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدۇ
يَقُولُونَ لَئِن رَّجَعْنَا إِلَى الْمَدِينَةِ لَيُخْرِجَنَّ الْأَعَزُّ مِنْهَا الْأَذَلَّ ۚ وَلِلَّهِ الْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَعْلَمُونَ ( 8 ) مۇناپىقۇن - الآية 8
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۆمىنلەرنى دېمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە اﷲ قا، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ اﷲ نىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّهِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ ( 9 ) مۇناپىقۇن - الآية 9
ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اﷲ نىڭ زىكرىدىن (يەنى اﷲ نىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
وَأَنفِقُوا مِن مَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ الصَّالِحِينَ ( 10 ) مۇناپىقۇن - الآية 10
بېرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار
وَلَن يُؤَخِّرَ اللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَاءَ أَجَلُهَا ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ ( 11 ) مۇناپىقۇن - الآية 11
اﷲ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر

كىتابلار

  • ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلارساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ ئەھمېيىتى يوقلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىدۇ.

    يازما : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com

    Source : http://www.islamhouse.com/p/135995

    التحميل :ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلارساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلار

  • ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى«ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى» بۇ ئەسەر ئائىلىدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسلامى تەربىيەنى قانداق ئىلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر نەچچە مۇھىم نۈقتىلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.1-ئىمانى تەربىيەگە چاقىرىش 2- ئەخلاقى تەربىيەگە چاقىرىش 3- نەپسى تەربىيەگە چاقىرىش 4- ئىجتىمائىي تەربىيەگە چاقىرىش 5- جىسمانى تەربىيەگە چاقىرىش 6- دىندا بىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئەھكاملارنى ئۆگۇتۇشكە چاقىرىش 7- ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسۇش ئىددىيسىگە يېتەكلەشكە چاقىرىش.

    يازما : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/73366

    التحميل :ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى

  • بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى«بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن، دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، ئىبادەت ۋەياكى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بۇگۇنكى قەدەر داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بەزى بىر ناشايان ئىشلارغا شەرىئەتنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغىمۇ يەر بېرىلگەن. ئىسلامدا سۈننەتنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمېيىتى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

    يازما : قارچۇغا

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52926

    التحميل :بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى

  • مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    يازما : بىر گورۇپ ئالىملار

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ن.تەمكىنى - مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم - سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com

    Source : http://www.islamhouse.com/p/321293

    التحميل :مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەرمۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر

  • ئائىلە تەربىيەسى«ئائىلە تەربىيەسى»ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق بەزى بىر ناچار قىلمىشلارغا دىئاگۆنز قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرۇتكۈلۇك رول ئوينايدىغانلىقى،خۇسۇسەن ئەركىشىنىڭ ،ئايالى ۋە قىزلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىرلىقى، دىنى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش يولىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

    يازما : ئابدۇرەشىد قاراجىم ئبنى سابىت - ھاجى ئابدۇرەشىد قارى ئبنى سابىت

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/74693

    التحميل :ئائىلە تەربىيەسى

اختر اللغة

اختر سوره

كىتابلار

اختر التفسير

المشاركه

Bookmark and Share